¡¡

شىركەت ھەققىدە


¡¡

شىنجاڭ ئۇچقۇر تېز يوللانما مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى 2008-يىلى ئويغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى قۇرۇلغان تېز يوللانما مۇلازىمەت شىركىتى بولۇپ شىنجاڭ پوچتا-تىلىگىراف باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن قانۇنلىق شىركەت ،جۇڭگۇ تېز يوللانما جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پوچتا- تىلگىراف باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تېز يوللانما كەسپى جەمىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ بىردىنبىر يەرلىك تېز يوللانما شىركىتى. شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت سۇپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى،خىزمەتتىكى مەسئۇليەتچانلىقى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن « شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى»، تېز يوللانما ساھەسىدىكى « AAA دەرىجىلىك كارخانا» قاتارلىق گۇۋاھنامىلارغا ئېرىشتى ، 2009-يىلى شىركىتىمىز يەنە دۇنيادىكى تۆت چوڭ تېز يوللانما شركىتىنىڭ بىرى بولغان TNT گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ ،شىنجاڭ ئىچىدە خەلقئارا تېز يوللانما كەسپىنى يولغا قويدى بۇ ئارقىلىق شىركەتنىڭ كۇندىلىك خىزمەت قۇرۇلمىلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ .ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كارخىانىلار بىلەن بىرلىككە كەلتۇردى.


¡¡

مۇلازىمەتلىرىمىز :


¡¡

شىركىتىمىز كەڭ خېرىدارلارنى پۇتۇن جوڭگونى قاپلىغان ،قولدىن ئىېلىپ قولغا يەتكۈزۇشنى ئاساس قىلغان ،مۇكەممەل بولغان تېز يوللانما تورى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ ، ھۆججەت ۋە پوسۇلكىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شىركىتىمىز شىنجاڭ دائىرىسىدە تەسىر كۇچى ئەمىلى كۇچى ئەڭ چوڭ تېز يوللانما شىركىتى بولۇپ شىركىتىمىزنىڭ تىجارەت دائىرىسى خەلقئارا تېز يوللانمىسى ،دۆلەت ئىچى تېز يوللانمىسى ،شەھەر ئىچى تېز يوللانمىسى،  ھۆل ،قۇرۇق مىۋە-چىۋىلەرنى ،ھەرخىل قاشتاشلارىنى ئايروپىلان ۋە پويىز ئارقىلىق تېز يەتكۇزۇپ بېرىش، توردا سېتىۋالغان بويۇملارنى ۋاكالىتەن يەتكۇزۇپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، پۇتۇن مەملىكەتتە ھەر قايسى جايلىرىدا مال يەتكۈزۇش نۇقتىسى بار . شىنجاڭدا بولسا قەشقەر ،يەكەن، تاشقۇرغان، ئاتۇش ، ئاقتۇ، ئاقسۇ ، كۈچا،توقسۇ،شايار، ئۇچتۇرپان،لوپنۇر، تۇرپان،توقسۇن،پىچان، غۇلجا ، قارىماي ، سانجى، قومۇل  قاتارلىق ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ناھىيىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 20يەردە تارماق نۇقتىسى بار .


¡¡

نەتىجلىرىمىز :


¡¡

1.     2008-يىلى 8- ئايدا شىنجاڭدىكى بىردىنبىر يەرلىك مىللى تېز يوللانما شىركىتى ئۇچقۇر تېز يوللانمىسى قۇرۇلدى.


¡¡

2.     2008- يىلى 10- ئايدا دۇنيادىكى تۇنجى ئويغۇر يېزىقىدىكى تېز يوللانما قوللانمىسى ئۇچقۇر تېز يوللانمىسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇزۇلۇپ چىقىلدى.


¡¡

3.     شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىلدا شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق مەزكىزى ناھىيە- شەھەرلىرىدىن 20 ئورۇندا تارماق نوقتىلارنى قۇرۇپ چىقتى.


¡¡

4.     2009-يىلى 5-ئايدا نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ £¬ مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان ئىچكى ئۇچۇر سىستىمىسى ۋە خىېرىدارلارغا ئىچىۋىتىلگەن سىرتقى ئىز قوغلاش سىستىمىسىنى ياسىتىپ چىقتى.


¡¡

5.     2009-يىلى 6- ئايدا شىركىتىمىزنىڭ تېلېۋىزۇر ئېلانى مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا كەڭ خەلىق ئاممىسى بىلەن يۇز كۆرۇشتى .


¡¡

6.     2009- يىلى 10- ئاينىڭ 8-كۈنى  1- نۆۋەتلىك تور قۇرۇلۇش يىغىننى مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزۇپ ئالدىنقى يىللىق نەتىجىلەر ۋە تەجىرىبە ساۋاقلار يەكۇنلىنىپ يېڭى يىللىق پىلانلار ئوتتۇرىغا قويولدى ھەمدە ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىنى ‹ئۇچقۇر ئېگىلىك تىكلەش كۈنى › قىلىپ بېكىتتى .


¡¡

7.     شىركىتىمىز 2010-يىلى 2-ئايدا دۆڭكۇۋرۇك ئەتراپىدا كۆلىمى  چوڭ، ھەر جەھەتتىكى ئەسلىھەلىرى ئىلغار ھەم تولۇق بولغان مەمۇرى ئىشخانا  رايۇنى تەسسىس قىلىپ ھەمدە مەمۇرى ئىشلار بىلەن كەسپىي ئىشلارنى ئايرىپ چىقىپ بۇرۇنقى خىزمەت ئورنىدا ئۇچقۇر تېز يوللانمىسىنىڭ ‹ ئۇرۇمچى مال ئايرىش ¨C بىر تەرەپ قلىش پونكىتىنى › مۇۋاپىقيەتلىك  قۇرۇپ چىقتى،


¡¡

8.      شىركىتىمىز  2- قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك  ۋاكالەتچى ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى  باشلىدى.


¡¡

 شىركىتىمىز  2009-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى  ئېچىلغان شىركەت 1- نۆۋەتلىك تور قۇرۇلۇشى يىغىنىدا پۇتۇن شىنجاڭ بويىچە تېز يوللانمىنى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىشىكىگىچە ئاپىرىپ بېرەلەيدىغان بولۇش نىشانىغا يېتىش ئۇچۇن شىنجاڭنىڭ تورلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ پۇتۇن شىنجاڭ بويىچە 60  ئورۇندا  تۇر نۇقتىسى ، ئۇرۇمچى ،ئاقسۇ ،قەشقەر ، خوتەن ، غۇلجا قاتارلىق ئورۇنلاردا مال ئايرىش پونكىتى قۇرۇش پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى ، بۇ پىلاننى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ خەلىق ئاممىسىنى بىزنىڭ ئەلا مۇلازىمىتىمىزدىن بەھرىمەن قىلىش مەقسىتىدە شىركىتىىمىز تېخى تارماق قۇرمىغان ئورۇنلارغا جىددى ۋاكالەتچى ھەمدە  خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىمىز. 

  شىركىتىمىز ھازىر تېز سۇرئەتتە تەرەققى قىلماقتا . بۇ كەڭ خېىردارلارنىڭ بىزگە ئىشەنگەنلىكىدىن ،قوللىغانلىقىدىن ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ. خېرىدارلارنى رازى قىلىش بولسا بىزنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانىمىز .

قۇمۇلدىكى تارماق شېركەت ئادرىسى :قۇمۇل شەھىرى تۆت كوچا سودا كوچىسى 13-33 (كىروران تاللا بازىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە)

تېلىفۇن :13649900767,09027283063

فىلىملىك ئادرىسى


¡¡
¡¡

 


¡¡