سەرۋەڭ تورى ئەزالار قوللانمىسى

بارلىق ئۇچۇرلار باشقۇرغۇچى تەستىقىدىن كىيىن باش بەتتە كۆرىنىدۇ

بىرىنچى : بۇ يەرنى باسقاندىن  كىيىن تۆۋەندىكىدەك بىر كۆزنەكنى كۆرىسىز

     سىز تۇنجى قېتىم كىرگەن بولسىڭىز تىزىملىتىش دېگەن كۆزنەكنى بېسىپ تىزىملىتىش رايونىغا كىرىسىز.

 بۇ بولسا سەرۋەڭ تورىنىڭ كېلىشىمنامىسى ، ،ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن كىيىنكى قەدەمنى بېسىڭ

 

يۇقارقى جەدىۋەلنى تەپسىلىي تولدۇرۇڭ ، تىزىملىتىشتىن بۇرۇن تىزىملىتىدىغان ئىسىمنى يىزىپ بولۇپ ، ئىسىمنى تەكشۈرۈشنى بېسىپ ،سىز قوللانماقچى بولغان ئىسىمنى

باشقىلار قوللاندىمۇ يوق قاراپ بېقىڭ ، ئاخىرىدا ھەممىنى تولدۇرۇپ بولۇپ  تىزىملىتىشنى بېسىڭ

مۇۋاپىقىيەتلىك تىزىملاتقاندىن كىيىن ،سىز باش بەتكە قايتىپ تىزىملاتقان ئىسىم ۋە شىفىرىڭىزنى باسقاندىن كىيىن يۇقارقىدەك بەتكە كىرىسىز ، سىز بۇ يەردىن ئەزالار مەركىزى دېگەن يەرگە كىرىسىز.

يۇقارقى رايون ئەزالار مەركىزى بولۇپ  بۇ يەردىن سىز ئۆزىڭىز خالىغان مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز.

يۇقارقى كونتىرول تاختىدىن سىز ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە مەشغۇلات قىلىسىز ،تۆۋەندە  تورداشلارغا كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر قانچە تۈرنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن.

ئەزالار تىزىملىكى نى  باسسىڭىز بارلىق ئەزا بولغان تورداشلارنى كۆرەلەيسىز

مېنىڭ دوستلىرىم نى باسسىڭىز  سىز قوشىۋالغان دوستلىرىڭىز كۆرىنىدۇ ، سىز ئۇلار بىلەن ئۇچۇر ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ.

دوست قوشۇش جەريانىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ.

مېنىڭ دوستلىرىم نى باسقاندىن كىيىن يۇقارقىدەك كۆزنەكنى كۆرىسىز ، سىز مۇشۇ يەردىن دوستىڭىزىڭ ئىسمىنى يىزىپ قوشۇش نى باسسىڭىز بولىدۇ.

ئەمدى دوستقا ئۇچۇر يوللاشنى سۆزلەيمىز ، سىز  قىسقا ئۇچۇرلىرىم  نى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك رايونغا كىرىسىز.

ئۇچۇر يىزىشنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك رايون چىقىدۇ ھەمدە سىز دوستىڭىزنىڭ ئىسمىنى تاللاپ ياكى ئۆزىڭىز يىزىپ ئۇچۇر يولىسڭىز بولىدۇ.

قوبۇللاش ساندۇقىدا سىزگە كەلگەن ئۇچۇرلار بار ، يوللاش ساندۇقىدا سىز يولىغان ئۇچۇرلار بار.

ئەمدى خەۋەر يوللاشنى سۆزلەيمىز.

سىز خەۋەر يوللاشنى باسسىڭىز ،تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ ، سىز ھەممىنى تولدۇرۇپ قوشۇش نى باسسىڭىز بولىدۇ ، ماقالە ،دېتال يوللاشلارمۇ ئوخشاش

ئەمدى رەسىم يوللاشنى سۆزلەيمىز ،ئاۋال سىز رەسىمنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن يوللاشنى بېسىپ تورغا يوللايسىز.    ،

رەسىمنى تورغا يوللاپ بولغاندىن كىيىن ،تۆۋەندىكىدەك ھالەتكە كېلىدۇ

سىز ئەمدى باشقا تەپسىلاتلارنى تولدۇرۇپ قوشۇشنى باسسىڭىزلار بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا سىز يەنە سىرلىق تورىدا ھەرخىل ئۇچۇرلارنى يولىيالايسىز، ئەمدىكى گەپ سىزدە قالدى ، قالغان مەشغۇلارتلارنى سىز ئۆزىڭىز سىناپ قىلىپ بېقىڭ.

چۈشەنمىەەن يەرلەر بولسا دوست قاتارىغا  سەرۋەڭ نى قوشۇپ مەسلەھەت سورىسڭىز بولىدۇ.

سەرۋەڭ 

سىز يوللىغان بارلىق ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز.

  

قوللانما دەرسلىك تامام

ھۆرمەت بىلەن سەرۋەڭ تور گۇرۇپپىسىدىن : سەرۋەڭ

سىرلىق تورىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى