
¡¡
|
ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن دىلمۇراتجان قومۇل شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 2-يىللىق 1-1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ پالۋانتۇر يېزا غولئېرىق كەنتىدىن، ئۇ ھاياتلىق نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدە پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە تەلمۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ ئاق قان دانچىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەر ياردەم قولىنى سۇنۇپ بۇ يۇمران نوتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرى يىغقان 60نەچچە مىڭ يۈەن پۇلنى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرى،قېرىنداشلىرى، خولۇم-خوشنىلىرى بەرگەن پۇللار،ئۆيدىكى پۇلغا يارايدىغانلىكى مال-بىساتىنى ساتقان پۇللار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەر، مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتلىك كىشىلەر ياردەم قىلغان پۇللارغا 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىېت قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا 200 مىڭ يۈەنگە يېققىن چىقىم قىلىپ 5 باسقۇچلۇق خىمىيلىك داۋالاشنى يەنى(بەدەندە تېزدىن كۆپىيىۋاتقان ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش، قان تازلاش، قان شىرنىسى ئۇرغۇزۇش، قوشۇمچە تىزگىنلەش تۈرىدىكى باشقا داۋالاشلارنى) ئاخىرلاشتۇردى. 5 باسقۇچلۇق داۋالىنىش ئارقىلىق دىلمۇراتجاننىڭ كېسىلى بارغانسېرى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭدى. ھازىر ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچ يىلىك كۆچۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، مۇۋاپىق كېلىدىغان يىلىك تېپىلدى. لېكىن ئەمەلىي يىغىلغان پۇل يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئۈچۈن كېتىدىغان 50 تۈمەن يۈەنگە تېخى يىراق ئىدى، پەقەت ئىككى قولىغا تايىنىپ دېھقانچىلىق قىلىپ ياشاپ كىلىۋاتقان بۇ ئائىلىگە ئەمدى ئىقتىساد جۇغلاش ئىمكانىيىتى بولمىدى، ماغدۇرى ئۇزۇلدى، دىلمۇراتجاننىڭ دەردىدە ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس، يۈرىكىدىن قان ئاقتى، ئامالسىز ئاخىردا يەنە جەمىيەتكە مۇراجەت قىلىشقا توغرا كەلدى. دۇنيا مېھرى-مۇھاببەتكە تولغان ئاق كۆڭۆل ساخاۋەتلىك كىشىلەر چوقۇم ئاز ئەمەس، ھەممىمىز ياردەم قىلايلى! بىر سەبىنى قۇتقۇزۋالايلى!
¡¡ |

